يېڭىلىقلار

ئىستانبۇلدا كەڭ كۆلەملىك ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2026- يىلى 21- مارت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا مۇھاجىرەتتىكى شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىرلىك ۋە ھەمكارلىقىنى نامايەن قىلىدىغان روزا ھېيتلىق تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەت شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى … قاتارلىق 14 تەشكىلات، بىرلىك ۋە ۋەخپىلەرنىڭ ئورتاق ھەمكارلىقىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇ قېتىملىق ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدىكى «ۋەنۇس مەرىكە …

يېڭىلىقلار

ھېيت تەبرىكى

ئەسسالامۇئەلەيكۇم، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان پۈتۈن شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار! روھىي پاكلىق ۋە مېھرىبانلىقنىڭ سىمۋولى بولغان روزا ھېيت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن. بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى نامىدىن بارچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ روزا ھېيت بايرىمىنى چىن دىلىمىزدىن تەبرىكلەيمىز! بۇ مۇبارەك كۈنلەرنىڭ يۇرتىمىزنىڭ ئازادلىقىغا، خەلقىمىزنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇپ، ئۆز ۋەتىنىدە ئەركىن-ئازاد ھېيتلىشىشىغا ۋەسىلە بولۇشىنى تىلەيمىز. گەرچە بۈگۈن ۋەتىنىمىزدىن يىراقتا، سېغىنىش ئىچىدە بولساقمۇ، …

يېڭىلىقلار

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق پايدا تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2026- يىلى 25- يانۋار كۈنى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسىنىڭ سەفاكۆيدىكى مەركىزىدە تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ يىللىق پايدا تارقىتىش پائاليىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، مېھمانلار مول داستىخان بىلەن كۈتۈۋېلىندى. پائالىيەتتە تىجارەتچىلەر گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى قۇربان ھاجىم سۆز قىلىپ، 2020- يىلى  55 ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىرلىكتە مەبلەغ چىقىرىپ قۇرغان رىزىنكە زاۋۇتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە قىسقىچە دوكىلات بەرگەندىن كىيىن، مۇناسىۋەتلىك سۇئاللارغا جاۋاپ بىرىپ ئۆتتى. ئارقىدىن …

يېڭىلىقلار

تەبرىكنامە

تەرەپسىز تاراتقۇلار جەمىئيەتتە مۇھىم ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلەرنى ئۆتەيدۇ. بۇ نوقتىدىن، ئۇيغۇر پوچتىسنىڭ قۇرۇلۇشى-ئۇيغۇر ئاخباراتچىلىقىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. خىتاي ۋەتەندە ئەركىن ئاخباراتنى چەكلىگەن، دۇنيادا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئاۋازى بوغۇلغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن كەسپچان ۋە ۋەتەنپەرۋەر زىيالىيلارنىڭ بىر ئارىغا يىغىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقى بىزنى سۆيۈندۇردى. ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئۇيغۇر پوچتسنىڭ، ئۇيغۇرلار ئۇچۇن …

Uncategorized يېڭىلىقلار خەۋەرلەر

ئىستانبۇلنىڭ باشاقشەھەر رايونىدا شەرقىي تۈركىستان كونفېرانسى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

12- نويابىر شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 16-نويابىر يەكشەنبە كۈنى ئاناھتار پارتىيەسىنىڭ باشاقشەھەر مەركىزى تەرىپىدىن «شەرقىي تۈركىستان كونفېرانسى ۋە رەسىم كۆرگەزمىسى پروگراممىسى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پروگراممىغا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. پروگراممىغا ئۇيغۇرلارغا ۋەكالەتەن تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋەقپى رەئىسى ئابدۇلھەمىت قاراخان، تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى رەئىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيىسى رەئىسى …

يېڭىلىقلار خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

12- نويابىر كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، ئۆلىمالار بىرلىكى… قاتارلىق 19 تەشكىلات، ۋاقىف، جەمئىيەت ۋە ئورۇنلارنىڭ بىرلىكتە ھەمكارلىشىشى بىلەن ئىستانبۇلنىڭ زەيتىنبۇرنۇ رايونىدىكى كازلىچەشمە كۈلتۈر مەركىزىدە 1933- يىلى 12- نويابىر قەشقەردە، 1944- يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا قۇرۇلغان ئىككى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق خاتىرلەش پائالىيىتى 2025- يىلى 11- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن …

خەۋەرلەر

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىم ئۈچ ئورۇندا لېكسىيە سۆزلىدى

شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى باش مەسلىھەتچىسى ئابدۇللا ئوغۇز ئەپەندىم 2025- يىلى 30- ئۆكتەبىر كۈنى شېھىت مەھمەت گۈۋەنچ ئانادولۇ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى، باندېرما 17- سىنتەبىر ئونۋېرىستېتى ۋە ئا گ د باندېرما ۋەكىللەر ئىشخانىسى قاتارلىق ئورۇنلاردا «شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتاي، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇق كۆرەشلىرىمىزنىڭ ئۆتمۈشى ۋە كىلەچىكى» تېمىسىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

خەۋەرلەر

ئىستانبۇلدا خىتايغا قارشى 30 دىن ئارتۇق تەشكىلاتنىڭ ھەمكارلىقىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

2025- يىلى 26- ئۆكتەبىر سائەت 14:00 تە ئىستانبۇلنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان ساراچخانا باغچىسىدا خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ نامايىش تۈركىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرى ۋە بۇ تەشكىلاتقا ئەزا شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، شۇنداقلا پىكىردە بىرلىك ۋە كۆرەش مۇنبىرى، يەسەۋى ئالپەرەنلەر جەمئىيتى… قاتارلىق 30 دىن ئارتۇق تەشكىلات، جەمئىيەت، ۋاقىپ …

يېڭىلىقلار

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى

ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) 2025- يىلى 21- ئۆكتەبىر كۈنى ياپۇنىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بولۇپ سايلاندى. ئارفىيە 1988- 10- ئاينىڭ 16- كۈنى تۇغۇلغان بولۇپ، ۋاشىنگىتون د.ج دىكى دىپلوماتىيە (تاشقى ئىشلار) ئىنىستىتوتىنى پۈتتۈرگەن. ئۇ ياپۇنچە، ئۇيغۇرچە، ئىنگىلىزچە، خىتايچە، تۈركچە ۋە ئەرەپچە تىللىرىنى پىششىق بىلىدۇ. ئارفىيە دەسلەپ ياپۇنىيە بانكىسىدا خىزمەت قىلغان، كىيىن ياپۇنىيەنىڭ ب …

Uncategorized

يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسىنىڭ «3- نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيى» غا تەكلىپ بىلەن قاتناشتى

2025- يىلى 19- ئۆكتەبىر تۈركىيەدىكى ئاساسلىق پارتىيەلەردىن بىرى بولغان «يېڭىدىن رەفاھ» پارتىيەسىنىڭ «3. نۆۋەتلىك ۋىلايەتلىك قۇرۇلتىيى» ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، بۇ پائالىيەتكە شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى رەئىسى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلار مۇنبىرىنىڭ نۆۋەتتىكى رەئىسى ئىمىرھەسەن ھاجىم تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاييۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى سەھنە مەركىزىگە ئېسىلغان بۇ پائالىيەتكە نەچچە ئونمىڭلىغان كىشى قاتناشقان بولۇپ، ئىمىرھەسەن ھاجىم  يېڭىدىن رەفاھ …